كىتاب ئىسمى | قايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ |
كىتاب ئاپتورى | دالې كارنېگې (ئامېرىكا) |
تۈرى | پەلسەپە، پسىخولوگىيە ۋە لوگىكا |
تەرجىمە قىلغۇچى | |
تۈزگۈچى | |
كىتاب ھەجمى | 17 MB |
بەت سانى | 302 |
ھۆججەت شەكلى | |
تورغا يوللىغۇچى | |
نەشر قىلغان ئورۇن | شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى |
نەشر قىلىنغان ۋاقتى | 1989-10 |
كىتاب تىلى | ئۇيغۇرچە |
يېڭى كىتاب: قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دالې كارنېگېنىڭ (ئامېرىكا)«قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» ناملىق ئەسىرى «ئاۋازلىق كىتاب» ئەپ دېتالىغا قوشۇلدى.
ئاۋازلىق كىتاب ئەپ دېتالى ئالما نۇسخىسى:
https://apps.apple.com/tr/app/awazliq-kitap/id961327340
ئاۋازلىق كىتاب ئەپ دېتالى ئاندرويىد نۇسخىسى:
https://play.google.com/store/apps/details...
#قايغۇرماڭ_باتۇرلارچە_ياشاڭ #دالې_كارنېگې #ئاۋازلىق_كىتاب_ئاۋازلىق_ئەسەر #ئاۋازلىق_كىتاب #ئەۋلاد_گۇرۇپپىسى
كىتاب ئىسمى: قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ
ئاپتورى:دالې كارنېگې(ئامېرىكا)
تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايىتۇللا سەلەي
----------------------------------------------
قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ
ئاپتورى:دالې كارنېگې(ئامېرىكا)
تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايىتۇللا سەلەي
خەلق باش نەشرىياتى
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
2010 - يىل نەشرى
غەم - قايغۇ ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز
غەم - قايغۇدىن قورقماڭ. ئادەتتە بىزنى جىددىيلەشتۈرگەن، ئەندىشىگە سالغان ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن كىچىك، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلاردۇر، داڭلىق مۇۋپپىقىيەتشۇناس دالى كارنىگ ئەپەندى «قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» ناملىق كىتابىدا: «جاھاندىكى ئىشلارنىڭ تەخمىنەن %90 ى توغرا، ئاران %10 ى خاتا بولىدۇ» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. بىز پەقەت ئەرزىمەس ئىشلارغا چېچىلمىساق، زۆرۆر تېپىلغاندا يوللۇق تاقابىل تۇرساق، كەيپىياتىمىز ئىزچىل كۆتۈرەڭگۈ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ-دە، قىيىن ھېسابلىغان ئىشلىرىمىزمۇ ئاسانلىشىپ كېتىدۇ.
ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر غەم-قايغۇنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەشكە سەل قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەمىشە غەمكىن، ئۆزىنى ئازاپ-ئوقۇبەت چىرمىۋالغاندەك پەرىشان يۈرىدۇ. ناۋادا ئۇلار غەم-قايغۇنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، ھالقىلىق مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولسا، كۆڭۈلنى غەش قىلغان پەرىشانلىق تۇمانلىرى تېزلا تارقاپ كېتىدۇ.
ئۇنداقتا غەم - قايغۇنىڭ مەنبەسى قايسىلار؟
غەم قايغۇ تۆۋەندىكى بەش مەنبەدىن كېلىدۇ:
1. تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان غەم-قايغۇ.
2. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى، كۆز قارىشىنىڭ ناچارلىقىدىن كېلىۋاتقان غەم-قايغۇ.
3. ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك غەم-قايغۇ.
4. خىزمەت، تۇرمۇش پەيدا قىلغان غەم-قايغۇ.
5. ئىقتىدارسىزلىقتىن كېلىپ چىققان غەم-قايغۇ.
تۇرمۇشىڭىزدىكى سىرتقى بېسىم ۋە قارشىلىق كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۇرۇس، تۇرمۇشقا قىزغىن، خىزمەتتە ئەستايىدىل، ھەر قانداق ئورۇندا، ھەر قانداق چاغدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان جاسارىتىمىزنى بىلدۈرسەكلا، ناھايىتى تېزلا ئۇقۇشماسلىقتىن بىزگە باشقىچە قارايدىغان، توسقۇنلۇق قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى، تونۇشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ يېقىن دوستىمىزغا ئايلىنىدۇ. %60-%70 غەم-قايغۇ ئادەتتە، ئىقتىدارسىزلىقىمىز تۈپەيلىدىن بىزنى قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ. بىز ئۆگىنىش بىلەن جانلىق ئىشلىتىشنى؛ بىلىم بىلەن تاكتىكىنى، ۋاقىت بىلەن ئۈنۈمنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرساق، ئۆزىمىزگىلا ئەمەس، باشقىلارغىمۇ بەخت-سائادەت يارىتىپ بېرەلەيمىز.
ئەنگىلىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى داڭلىق يازغۇچى جون سىۋفىت «گىرافنىڭ ساياھىتى» ناملىق رومانىدا تەنتەنىلىك قىلىپ: «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرمۇ نەپسىنى يىغىپ، كۆڭلىنى توق تۇتۇش، خوشال ۋە روھلۇق يۈرۈشتەك كاتتا دورىنى بېرەلمەيدۇ» دېگەن. مۇبادا ۋەيران بولغان بىر كارخانىچى بىلەن بىر جىنايەتچى بىر توكۇرنىڭ كوچا دوقمىشىدا مېيىپلەر ھارىۋىسىدا ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەتراپتىكىلەرگە ئېغىز گارمۇنى چېلىپ بېرىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى، كۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرسە، چوقۇم ئۆزىنىڭ يارىماس روھسىز ھالىتىدىن نومۇس قىلىشى مۇمكىن. بىز ئۆزىمىزگە ئىشەنسەك، ئۈمىدۋار بولساق، تۇرمۇش قۇياشى ھامان بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ.
يازما مەنبەسى:ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
دىققەت:
1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.
3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى