ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
تاغ جۇدۇنلىرى
ساقلىۋېلىش
كىتاب ئىسمى تاغ جۇدۇنلىرى
كىتاب ئاپتورى جالالىدىن بەھرام
تۈرى تارىخىي رومان
تەرجىمە قىلغۇچى
تۈزگۈچى
كىتاب ھەجمى ‎26 MB  
بەت سانى 549
ھۆججەت شەكلى PDF
تورغا يوللىغۇچى ئۇيغۇر كىتاب
نەشر قىلغان ئورۇن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2011-8
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 1207
تورغا يوللانغان ۋاقتى: ‎0000-00-00 00:00:00
چۈشۈرۈش
كىتاب ھەققىدە

 « تاغ جۇدنلىرى» رومانىدا ئىشلىتىلگەن ماقال-تەمسىللەر

 يېقىندا ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرام يازغان «تاغ جۇدۇنلىرى» ناملىق روماننى زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇش جەريانىدا ئىلگىرى مەن ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ باقمىغان بەزىبىر ماقال-تەمسىللەر ئۇچراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ روماندىكى ماقال-تەمسىللەرنى رەتلەپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ رەتلەپ چىقتىم، تورداشلارنىڭمۇ كۆرۈپ،پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى تىلەيمەن.

-يادلىساڭ يېنىڭدا مەن، يادلىمىساڭ يەمەندە مەن.

-قېشىڭدا كىم ئولتۇرسا، چىرايلىقىڭ شۇ، بېشىڭنى كىم سىلىسا،ماشايىخىڭ شۇ.

-ئۆزى ئۈچۈن قىلىنمىغان ئوغۇرلۇق،ئوغۇرلۇق ھېسابلانمايدۇ.

-ئۈزۈمنى يە، ئىگىسىنى سورىما.

-ئۆيگە ئوغرى كىرسە،ئىتنىڭ سىيگىسى كەپتۇ.

- قوتۇر ئاتنىڭ تۈكى دورا بولۇپ قالسا، قوتۇر ئات دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ئوتلاپتۇ.

-يانتۇ يەر يەر ئەمەس، كىچىك بالا ئەر ئەمەس.

-تىنچ چاغدا ئاسار-ئەتىقە،مالىمانچىلىقتا ئالتۇن يىغ.

-كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ.

-چىققان كۆز ئورنىغا چۈشمەس.

-خۇدايىم بەندىسىنى كەچ قويسىمۇ،ئاچ قويماپتۇ.

-خۇدايىم بەندىسىنى ھەرگىز تەڭلىكتە قويماس.

-ئادەم ئەپتىدىن بىلىنەر.

-ئاقىۋېتى يامان پادىشاھتىن،ئاقىۋېتى خەيىرلىك بولغان گاداي ياخشى.

-يول ئازابى ،گۆر ئازابى.

-سۇنى سەپ سىڭار يەرگە،گەپنى قىل سىغار يەرگە.

- يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.

- قاغا قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ.

-ئوقيانىڭ ھېرىپ قالغان ئوقى شايىنىمۇ تېشەلمەيدۇ. (جۇگېلىياڭ)

-سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار،دۈشمەن ئۇخلىماس.

-ئاشتىن كېيىن زاغرا،تويدىن كېيىن ناغرا.

-زېرىككەن تاز كۆۋرۈكتە ئات ئۈركۈتۈپتۇ.

- سەركىسىز پادا يولدىن ئازىدۇ.

-خۇدا ئۇرغاننى خۇدا بەردى قوشلاپ ئۇرۇپتۇ.

-ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە ئايان.

- ۋاڭنىڭ  ئاچچىقىنى جاڭدىن چىقىرىپتۇ.

-بىر سىقىم تېرىقنىڭ مەرىدىن كەچمىگىچە،قۇشقاچ تۇتقىلى بولماس.

- دەريا بويىدا ياشىساڭمۇ،تىمساھ بىلەن دوستلىشالمايسەن.

- كىمكى زالىمغا مەدەت بەرسە،ئاللاھ ئۇنى شۇ زالىمنىڭ قولى بىلەن ھالەك قىلىدۇ.

-  پادىشاھ سىر ساقلىمىسا نەزەردىن ئادا، ۋەزىر سىر ساقلىمىسا ئۇرۇدۇ خۇدا.

-يېتىپ قالغۇچە ئېتىپ قال.

چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، قارىغۇ قىپتۇ.

 -ئېغىز يۈگۈركى باشقا،پۇت يۈگۈركى ئاشقا.

-ھېسابلىق دوست ئايرىلماس.

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى (2012)

بىكەت ئەسكەرتمىسى

دىققەت:

1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.

3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش