ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
كىتاپ ئوقۇش ۋە كىتاب ئوقۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك!

كىتاپ ئوقۇش ۋە كىتاب ئوقۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك!

(سادا)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

كىتاپ ئوقۇش مەسىلىسى ھەقىقەتەن بىر مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى قانداق قۇرۇپ چىقىش يولىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەتتا بىر ئائىلە رەئىسنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولغان ئائىلىسىنى قانداق تەربىيلەش، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىر كەسىپ ئەھلىنىڭ ئۆزىنىڭ داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشىدىمۇ شۇنداق. ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى كىتابنى قانداق ئوقۇش، قانداق كىتابلارنى ئوقۇش، قەيەردىن باشلاش دېگەنلەرمۇ شۇنچىلىك مۇھىم.

ئەلۋەتتە بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دىنىمىزنىڭ دەسلەپكى «ئوقۇغىن» دېگەن ئەمرىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما مەزكۇر ئەمىرنىڭ بىرىنچى كەلىمىسىگە يېپىشىۋېلىپ داۋامىنى ئوقۇمىساق يەنىلا ھاياتىنى كۇتۇپخانىدا ئىزدىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈپمۇ رەببىنى تونۇيالىغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىمىز. شۇڭا داۋامى مۇھىم. يەنى ئوقۇشنى رەببىمىزنىڭ ئىسمى بىلەن باشلاش لازىم. رەببىمىز دەسلەپتە نازىل بولغان ۋەھىيدە پەيغەمبىرىمىزگە خىتابەن مۇنداق دېگەن:

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، رەببىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ ئىنسانغا قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئۇنىڭغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى[ئەلەق سۈرىسى، 1-5 ئايەتلەر].

دېمەككى ئوقۇشتىن مەخسەت رەببىمىزنى تۇنۇش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى بىلىش ۋە تەشەككۈر بىلدۈرۈش، رەببىمىزنىڭ بىزنى قانداق ياراتقانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ئىزدىنشى نەتىجىلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇش ۋە بىلمىگەنلەرگە تارقىتىش. شۇ ئارقىلىق بىز بۇرۇن بىلمىگەن ئەمما ئاللاھنىڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى ۋە يول كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بىلىپ يەتكەن مەلۇماتلار ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بەندە، تېخىمۇ ياخشى ۋە پايدىلىق بىر ئىنسان بولۇشقا، باشقىلارغىمۇ بۇنى تەۋسىيە قىلىشقا تىرىشقاندىلا ئاندىن ئاللاھنىڭ "ئوقۇغىن" دەپ باشلىغان ئەمرىنى توغرا چۈشەنگەن بولىمىز.

ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇيدىغانلىرىمىز كۆپىنچە ئاللاھنىڭ بۇ ئەمرىنى ئۇنۇتقىنىمىز تۈپەيلى ئوقۇيمىز-يۇ ئەمما ئوقۇغانلىرىمىزنى بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرمايدۇ. ئەكسىچە يىراقلاشتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىۋېرسىتىتلارنى پۈتتۈرگەنلەر ئادەتتە تېخىمۇ ياخشى ۋە ئەخلاقلىق ئىنسان بولۇپ چىقىشى كېرەك ئىكەن، قارايدىغان بولساق ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان ۋە ئۆزلىرىنى بىر نېمە چاغلاپ قېلىپ قەيەردە ئاللاھ توسقان ئىشلار بولسا شۇنى قىلىدىغان ئادەملەر بولۇپ چىقىدۇ. قىزلار بولسا رەببىمىزنىڭ ئىسمىنى تىلغىمۇ ئېلىپ قويمايدىغان ئۇستازلىرى بىلەن ئەل-ئاغىنىلىرىدىن "سويۇنۇش"نى ۋە ئاللاھ ئاياللارغا بەرگەن گۈزەللىكلىرىنى قانداق "كۆز-كۆز قىلىش"نى ئۆگىنپ چىقىۋاتىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشنى زامانىۋىلىشىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراۋاتىدۇ. (ئەلۋەتتە ئالى مەكتەپنى ئوقۇش جەريانىدا رەببىنى تۇنۇپ يەتكەن نۇرغۇنلىغان قىز-ئوغۇللىرىمىز يوق ئەمەس!) ۋە ھالەنكى زاۋانىۋىلىشىش كاللىمىزنى ئىشلىتىپ بىز ياشاۋاتقان زاماننىڭ ئىلىم-پەن تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى كۆرسىتەتتى...

ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى بىز ئۇيغۇرلار "زىيالىي" دەپ ئاتايمىز. چۈنكى ئۇلار باشقىلار ئوقۇمىغان كىتاپلارن ئوقۇشقا مۇيەسسەر قىلىنغان كىشىلەردۇر. زىيالىي ئاتالغۇسىغا قاراپ باقىدىغان بولساق ئەسلىدە "ئاقارغان" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. يەنى زېھنى، ئەقلى ئاقارغان، نۇرلانغان، ئاللاھنى تۇنۇش پۇرسىتىگە ئېگە بولغانلار.

 ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە بولسا مۇنداق ئىزاھات بېرىلىپتۇ:

"بىرقەدەر يۇقىرى پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەر. مەسىلەن، پەن - تېخنىكا خادىملرى، ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، مۇخبىرلار ۋە ئىنژېنېر قاتارلىقلار: سەن بىر زىيالىي تۇرۇپ، ئوقۇمىغان، نادان كىشىلەردەك گەپ قىلساڭ ئۆزۈڭگە ياراشمايدۇ." 

دېمەك بىزنىڭ كاللىمىزغا سېڭىپ كەتكەن ئۇقۇم لۇغەتلىرىمىزنى ئۆزىنى نامايەن قىلىدىكەن.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا بىز چوقۇم كۆپ ئوقۇشىمىز كېرەك، ئەمما نېمىنى ئوقۇش كېرەكلىكىنى، قانداق ئوقۇش كېرەكلىكىنى، ئوقۇماقچى بولغان كىتاپلارنىڭ كىملەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ۋە نېمە مەخسەتتە يېزىلغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئاساستا ئوقۇشىمىز ۋە ئوقۇغان ئەسەرلىرىمىز كەسپى مەلۇماتلىرىمىزنى ئاشۇرۇش، سەۋىيەمىزنى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە بىزنى ياراتقان ۋە پەرۋىش قىلىۋاتقان رەببىمىزگە يېقىنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ رازىلىقىنى قولغان كەلتۈرۈشىمىزگە تۆرتكە بولۇشى لازىم.

رەببىمىز بىزنى كۆپ ئوقۇشقا، ئوقۇغاندا تەلەپكە لايىق ئوقۇشقا مۇۋەففەت قىلسۇن!

ئەسكەرتىش بۇ يازما ئىزدىنىش تورىدا كىتاپ ئوقۇش توغرىسىدىكى بىر تەرجىمە تېمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە يېزىلغان.

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش