ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
كىتابخانغا (مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم)

كىتابخانغا

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم

 

كىتاب – قەغەز، سۆيۈملۈكتۇر ماڭا ھەر جايدا يار بولسا،

نادانلار ئالدىدا قەغەز - قەلەم بىئېتىبار بولسا.

 

كىتابقا ئاشىنا بولدۇم ئىلىمنىڭ پەيزىنى سۈردۈم،

سۆيۈنمەمدۇ كىشى دىلدىن بەخت –ئىقبالغا يار بولسا.

 

بىلىم ئىشقىدا يانغانمەن بولۇپ مانەندە پەرۋانە،

يۈرەكتىن سۆيگىنىم سۆيگەن كىتابتەك خۇش نېگار بولسا.

 

قەلەم – قەغەز بىلەن سىرداش بولۇپ خىلۋەتتە ئۈن – تىنسىز،

نى كۈيلەر كۈيلىمەس ئىنسان بىلىمگە دىل خۇمار بولسا.

 

گۆدەكلىك چاغلىرىمدىنلا بىلىمگە مەھلىيا بولدۇم،

دەمى ئايرىلمىقىم مۈشكۈل، بىلىمدەك گۈلئۇزار بولسا.

 

ئارامگاھىم كىتابىمدۇر ئۇنىڭسىز ھېچ ئارامىم يوق،

ئارامبەخىش قۇرلىرى دىللار ئارا چاقناپ تۇرار بولسا.

 

سۈكۈناتقا چۆمۈلگەن كائىنات تۈن ئىچرە مەن تەنھا،

نە تەنھا ئۈلپىتىم دىلكەش كىتابىم ياندا بار بولسا.

بولۇپ خىلۋەتتە كۈلبەم ئىچرە مەزھەر جىلۋە ئى جانان،

نە جاھان ھەر ۋەرەقتىن يۈز تەجەللى ئاشكار بولسا.

 

تىنىمسىز ئىنتىلىش روھى راۋانىمدۇر بەدەن ئىچرە،

خىرەد ئەھلىگە خاس غەيرەت دىلىمدا جۇش ئۇرار بولسا.

 

نېسىپ بولماس كىشىگە نوكىتەدانلىق ئەجر – مېھنەتسىز،

كېچىپ ۋاز ئىستىقامەتتىن بىھۇش ئۇخلاپ ياتار بولسا.

 

پاراغەت ئىستىراغەتتىن كېچىپ تىنماي ئۆگەنمەستىن،

قېلىپ غەپلەتتە ئاغرىنما بىلىم سەندىن قاچار بولسا.

 

جاھالەت دەشتىدىن قاچتىم بەدە ر نۇرانە يول ئىزدەپ،

كامالەت ۋەسلىگە يەتكەي كىشى ھەق يول تاپار بول.

 

نادانلىق بىرلە ئاڭسىزلىق كىشىگە بىداۋا دەردتۇر،

نە قىلغاي دىل كۆزى كور بىداۋا دەركە دۇچار بولسا.

 

ئىلىم ئەھلى ماكان تۇتتى كامالەت تەختىدە ھەر چاغ،

ئىلىمسىزلار زەبۇنلۇقتا پېقىرۇ خاكسار بولسا.

 

 

زۇھۇر ئەيلەپ ئەدەم سەھراسىدىن يېگانە بىر قامۇس،

تەبەسسۇم ئەيلەبان ناز ئىلكىدە سىزگە باقار بولسا.

 

ئېچىلغاي زەر چېچىلغان مەنىلەردىن توزۇماس گۈللەر،

تەخۇشتۇر رەڭمۇرەڭ گۈللەر مۇئەتتەر ھىد چاچار بولسا.

 

ئارامبەخىش باغچىدۇر قامۇس ئېچىلغان غۇنچىدۇر ھەر سۆز،

تۇرارمۇ يايرىماي دىللار چىمەنلىك مۇرغىزار بولسا.

 

بولۇر ھەر مۈشكۈلاتلار دەرمەھەل قامۇسنى ئاختۇرساڭ،

كۆڭۈل رىشتىڭ ئۈزۈلمەستىن كىتاپقا باغلىنار بولسا.

 

دىماغلار يايرىغاي يىلداپ مۇئەتتەر ھىد ئېلىپ ھەردەم،

شامال تارقاتقىنى بەدبۇي ئەمەس خۇشبۇي ئىپار بولسا.

 

كىتاب كۆرسەڭ مۇھەييادۇر قولۇڭدا رەھنەما قامۇس.

داۋان ئاشماق بولۇر ئاسان يولۇچى شەھسۇۋار بولسا.

 

لاتاپەت بابىدا يەكتا لۇغەتلەر غۇنچە رەناسى.

تولۇپ ھېكمەتكە ھەر قۇر شۇنچە چوڭقۇر مەنىدار بولسا.

 

 

يېزىپ ھەر سۆزنى مىڭ دەڭسەپ دۇرۇس مەنانى قوغلاشتىم.

قىزىقمايدۇ خېرىدارىڭ مېلىڭ ئۆتمەس تاۋار بولسا.

 

قانات قاققاي خىيال كەپتەرلىرىم ئۆرلەپ ساما ئۆزرە.

قەلەم جەۋلان قىلىپ ئىلھاملىرىم سەلدەك تاشار بولسا.

 

لۇغەتتۇر يار دىلخاھى ئۇنى سەن تۇتىيا بىلگىن.

بولۇپ شوتا نىشانغا ئۆرلىمەككە ئەسقاتار بولسا.

 

خىرام ئەيلەيدۇ قۇرلار ئىچرە سۆزلەم ئىشىۋە ناز بىرلە،

نە خۇش زېھنىڭنى سۆزلۈكلەر قۇياشتەك يورۇتار بولسا.

 

ئىلىم سەھراسىنى كەزگىن بولۇپ قامۇسقا چىن مەپتۇن،

ئويۇن سەيناسىدا يۈرمەك خالايىق ئىچرە ئار بولسا.

 

بۇدۇر ئابى ھايات يا ئابى كەۋسەردۇر ئوقۇر تەھسىن،

ئىلىم تەشناسى چاڭقاقلار ئىچىپ كەۋسەر قانار بولسا.

 

تاماملانمانماي تۇرۇپ قامۇس قاچان كۆڭلۈم تاپار تەسكىن،

كىتاپخان تەلمۈرۈپ تېزرەك كۆرۈشكە ئىنتىزار بولسا.

 

 

ئوقۇرمەن زوقلىنىپ خۇشتار بولۇر ھەرچاغدا قامۇسقا،

تىرەن مەنالىدىن ھەر بەتتە ئاھۇلار شىكار بولسا.

 

خىيالىم كەزدى مەنالەر بايابانىنى تىنماستىن،

ساڭا يەتمەمدۇ ھەر بەت ئىچرە مول مەنا ياتار بولسا.

 

ھۇمايۇن قۇشلىرى قونغاي بېشىغا تۆھپىكارلارنىڭ،

ئۇلاردا ئىجتىھات، غەيرەت، ئىرادە، ئىقتىدار بولسا.

 

تالاي يىللار رىيازەتتە ئىلىم گىردابىدا ئۈزدۈم،

جاۋاھىرلار سۈزۈپ تىنماي، غەرەز دۇرلار نىسار بولسا.

 

كىشى ئاجىز ئىكەن زەپمۇ نەپەستىن قالسا يوق ئىنسان،

ھاياتتۇ ر كەتسىمۇ ئىنسان ھەقىقىي تۆھپىكار بولسا.

 

بېرىلدىم ئىلمۇ ئىرپانغا بوشاشماي ئىزدىنىپ شۇنچە،

نىشانغا يەتمىگەي ئىنسان يۈرەردە بىمادار بولسا.

 

لۇغەت مەستانىسى بولدۇم چېكىپ كۆپ رەنجۇ مېھنەتلەر،

يېنىڭدىن ئايرىما ھەرگىز لۇغەت قۇتلۇق تۇمار بولسا.

 

 

چاچار بەتلەر ئارا دۇردانە سۆزلۈكلەر جۇلاسىنى،

تېپىپ قامۇستا چىن مەنا بۆلەكتىن جانلىنار بولسا.

 

تەپەككۇر قۇشلىرىم ساقى بولۇپ خۇش پەيتتە قوش قوللاپ،

ۋىسال جامىغا شەربەت تولدۇرۇپ بىردەك تۇتار بولسا.

 

پاچاقلاپ مۈشكۈلاتلارنى بولۇرمەن شىرى يەزداندەك،

سېزەرمەن مىڭ ھۇزۇر دىلدىن توساقلا ر تارمار بولسا.

 

مۇئەممالار بەسى كۆپ دۇچ كېلەر ماڭدامدا بىر مۈشكۈل،

نىھان سىرلار ئايان بولماس كۆڭۈللەر بىقارار بولسا.

 

شاياتونلار بولۇرمىش خەستە دىللار ئاھىغا بائىس.

ئەقىل ئىدراكقا گۇمراھلىق يېتىپ يولدىن ئازار بولسا.

 

پەرى پەيكەر بولالماس دىلبەرى ئەييارە ناز ئەيلەپ،

ئوقۇپ ئەپسۇن دەمادەم ئىشقى بازارىدا زار بولسا.

 

يورۇقتۇر ھەر زامان كۆڭلۈم ئۆيى خۇرشىدى تاباندەك،

تىلەكلەر ھەل بول بېشەك كۆڭۈللەر بىغۇبار بولسا.

 

 

بولۇرمەن گاھى ناشاد، گاھى شاد باشىمدا مىڭ سەۋدا،

جاھان غەۋغالىرىدىن بىباھا ئۆمرۈم بىكار بولسا.

 

كېتەر يىللار ئۆتەر ئايلار پەسىللەر ئالمىشىپ بىر – بىر،

نەۋا ئەيلەر ھامان بۇلبۇل خازان بولماس باھار بولسا.

 

چىچەكلەپ بەختۇ ئىقبالىم ھاياتىم مەنىلىك ئۆتكەي،

ۋەتەن ئەل ئىشقى قەلبىمدە بولۇپ ئاتەش يانار بولسا.

 

دىيارىم قەرزى زىممەمدە ئۆمۈرۋايەت ئادا بولماس،

ھېلىغۇ تەندىكى بىر جان تۈمەنمىڭ جان نىسار بولسا.

 

بىكاردۇر ئەلگە خىزمەتسىز بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ چاغنى،

تەبەسسۇم ئىلكىدە دەۋران سۈرۈپ مىڭ يىل ياشار بولسا.

 

ئۆمۈر يۇلتۇزلىرىم ساقىپ تۈگەپتۇ بەرق ئۇرۇپ بىر – بىر،

مۆكۈنگەي كۆكتىكى ئەختەر كېتىپ شەب، گەر، نەھار بولسا.

 

قاراپ باقسام تۇرۇپتۇ كۆز ئوڭۇمدا شۇنچە كۆپ ماۋزۇ،

نىتەي ساقىندى ئۆمرۈمدە قەلەم چارچاپ يازار بولسا.

 

 

بېرىلگەي ئىلمۇ ئىرپانغا قەدەمدە قالدۇرۇپ ئىز،

كىمىكى روھى ئەجداتلارغا بەرھەق ئىز باسار بولسا.

 

كىتاب يازدىم ئۈمىد شۇكى جاھاندا قالدۇرۇپ كەتسەم،

نىشانەم قالسا ئەۋلادلارغا مەندىن يادىكار بولسا.

 

تەمەيىم يوق مۇكاپاتتىن پەقەت ئالەمچە بەختىمدۇر،

ئىشىم مەقبۇل بولۇپ دىللاردا نامىم يادلىنار بولسا.

 

 ئۇستازنىڭ «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ قامۇس» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش